لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

يېنىكلىك

yéniklik

  1. ئېغىر بولماسلىق، ئېغىرلىقى ئاز بولۇش.

    English
    lightness
    中文
    轻、轻便
    Türkçe
    hafiflik
    • ئېغىرلىق تاشقا يارالغان، يېنىكلىك قامغاققا.

    قارشى مەنىلىك: ئېغىرلىق

  2. ئويلىماي، ئالدىراپ ئىش قىلىش؛ تەمكىن بولماسلىق.

    English
    rashness, frivolity, carelessness
    中文
    轻率、轻浮
    Türkçe
    hafiflik, düşüncesizlik
    • ھازىر يېنىكلىك قىلىشقا بولمايدۇ، بىزگە ئەقىلدىن باشقا يەنە پەيت كۈتۈش توغرا كېلىدۇ.