لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئەۋج

ewj

  1. بىرەر ئىش، ھەرىكەت ياكى ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ كۈچلۈك پەللىسى

    English
    climax, peak, height
    中文
    高潮、顶点
    Türkçe
    doruk, zirve
    • ئاشۇ ناخشىنىڭ ئەۋجىدە ۋۇجۇدۇڭ چايقىلىپ، روھىڭ يايراپ ئۆزۈڭنى ئانا تەبىئەتنىڭ بىر قىسمىدەك ھېس قىلىسەن.
    • ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق خوجىلار ئارىسىدىكى جېدەل، غوۋغا قايتىدىن ئەۋج ئالدى.

    مەنىداش: چوققا