لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئەلچى

elchi

  1. بىر دۆلەت ياكى ھۆكۈمدار تەرىپىدىن باشقا دۆلەتكە ياكى تەرەپكە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىلگەن كىشى

    English
    envoy, ambassador
    中文
    使者、大使
    Türkçe
    elçi
    • «بۈگۈندىن باشلاپ، ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، سۈلھى تۈزۈش ئۈچۈن تاغقا ئەلچى چىقىرىلغاي.»
    • ئۇ چەت ئەلدە باش ئەلچى بولۇپ ئىشلىگەن.

    مۇناسىۋەتلىك: ئەلچىخانا

  2. قىز تەرەپكە قۇدا بولۇش تەلىپى بىلەن ئەۋەتىلگەن كىشى

    English
    matchmaker, go-between
    中文
    媒人、提亲者
    Türkçe
    dünürcü, görücü
    • ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، كىشىنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتىپ كۆر.
    • ئوغلىغا قىز سوراپ ئەلچى ئەۋەتتى.