لۇغىتىم · ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەت

ئەكس

eks

  1. بىرەر نەرسىنىڭ قارشى تەرىپى؛ تەتۈرى.

    English
    opposite, reverse, contrary
    中文
    相反、反面
    Türkçe
    aksi, ters
    • ئاتا بولۇش بەك ئاسان، ئەكسىچە ئاتىلىق قىلىش قىيىن.
    • ئاياللار ئىنسانلارنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەنىكەن، يەنە ئەكسىگە ياندۇرالايدۇ دەپ قارالغان.

    مەنىداش: قارشى

  2. نۇر، سۈرەت قاتارلىقلارنىڭ بىرەر يۈزدە كۆرۈنۈشى؛ ئىپادىلىنىش.

    English
    reflection, image
    中文
    反映、反射
    Türkçe
    yansıma, akis
    • ئادەملەر سەندە ئەكس ئەتكەن خۇشاللىق ۋە قايغۇ، بەخت ۋە پاجىئەلەرنىڭ تەسىرىدە بەزىدە شادلىنىپ كۈلىدۇ.
    • ئەينەكتە ئۇنىڭ چىرايى ئەكس ئەتتى.